كرىت ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گرېتسىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ ئارىلى. مەيدانى 8336 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 456 مىڭدىن ئاشىدۇ. كرىت ئارىلى ئەتراپىدىكى گاردوس، دىيا ئاراللىرى بىلەن قوشۇلۇپ گرېتسىيىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىراكلىن، مەركىزى كانىيە شەھىرى. كرىت تاغلىق ئارال، شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ياغلىق زەيتۇن، ئۈزۈم، ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ.