ئېلىزابېت پورتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئازانىيە (جەنۇبىي ئافرىقا) نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، ھىندى ئوكيان بويىدىكى ئالگوئا قولتۇقىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت. ئازانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر 1820 - يىلى ئەنگلىيىلىك كۆچمەنلەر تەرىپىدىن سېلىنغان. بۇ جاي ئەسلى بىر ھەربىي قەلئە بولۇپ، شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئاھالىسى 469 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئېلىزابېت پورتى ئازانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قوي يۇڭى بازىرى، مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ جايدا كۆلىمى چوڭ بولغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى، بالون زاۋۇتى، كۆن - خۇرۇم زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، خىمىيە - سانائەت قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ئېلىزابېت شەھىرىنىڭ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن ئازانىيە سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 5% تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. پورت ئارقىلىق مارگانېتس رۇدىسى، تۆمۈر رۇدىسى، قوي يۇڭى، كۆن - خۇرۇم، ئاشلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق زىمبابۋىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان بىر قىسىم ماللىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئېلىزابېت پورتىدىن ئازانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بلوم فونتېئىن شەھىرىگە غەربتىكى كېپتائون شەھىرىگە، شەرقتىكى شەرقىي لوندون شەھەرلىرىگە بارىدىغان بىرنەچچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار. شەھەرنىڭ يېنىدا ئايرودرومى بار. ئېلىزابېت پورتى ئازانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.