سۇپېرىئور كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ بىرى بولۇپ، ئا ق ش بىلەن كانادانىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئىككى دۆلەت ئورتاق پايدىلىنىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆل ئىچىدە ئەڭ غەربكە جايلاشقان. كۆلىمى 82 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل ھېسابلىنىدۇ. سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 148.4 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر جايى 406 مېتىر كېلىدۇ، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 183 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئۇ بەش كۆل ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كۆل ھېسابلىنىدۇ. كۆل سۈيى سوسىت مارى دەرياسى ئارقىلىق گورۇن كۆلىگە ئۆتىدۇ. ئىككى كۆلىنىڭ سۇ يۈزى پەرقى 6 مېتىر كېلىدۇ. كۆل ئەتراپىدا قېلىن ئورمانلار بىلەن ھەرخىل كان بايلىقلىرى (تۆمۈر، مىس، ھاك تېشى قاتارلىق) ھەمدە سۇ مەھسۇلاتلىرى، ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ. كۆل ئەتراپىدا دۇلۇت (ئا ق ش)، ساندې بې (كانادا) قاتارلىق پورتلار بار.