UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركيوتو

كيوتو

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياپونىينىڭ مەدەنىيەت، ەنئەت بۆشۈكى، قەدىمىي پايتەختى، كيوتو مەمۇرىي رايوننىڭ مەركىزى. كيوتو 794 - يىلىدىن 1869 - يىلىغىچە ياپونىيىنىڭ پايتەختى بولغان. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشلىرى جۇڭگونىڭ تاڭ دەۋرىدىكى پاتەيختى چاڭئەننى ئاساس قىلغان ھالدا سېلىنغان. 1975 - يىلى 5 - ئايدا كيوتو بىلەن دۆلىتىمىزنى شىئەن شەھىرى دوست شەھەرلىك ئالاقىسىنى ئورناتقان. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 610 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 449 مىڭدىن ئاشىدۇ (1978). كيوتو 1889 - يىلى رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، سانائەتتە توقۇمىچىلىق ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك - ئىچمەك، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، دورىگەرلىك، بوياقچىلىق، فارفۇر، ھاراق ئىشلەپچىقىرىش، سىر ئىشلەپچىقىرىش، يىپەك توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان. كيوتو مۇھىم مەدەنىيەت، ساياھەت مەركىزى، بۇ جايدا قەدىمىي خان سارايلىرى، مۇھىم تارىخىي ئورۇنلار، ئاتاقلىق دىنىي ئورۇنلار، مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. كيۇتودا دۆلەتنىڭ كيوتو داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەشھۇر باغچىلار بار. شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى <تاشپاقا> ناملىق باغچىغا، 1979 - يىلى جۇئېنلەي زۇڭلىنىڭ خاتىرە مۇنارىسى ئورنىتىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر