جەنۇبىي ئارال
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يېڭى زېلاندىيىدىكى ئىككى چوڭ ئارالنىڭ بىرى. شىمالدا كۆك بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي ئارالدىن، جەنۇبتا فوف بوغۇزى ئارقىلىق ستورت ئارىلىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمالىدىكى فېرۋېل تۇمشۇقىدىن جەنۇبتىكى بولاف تۇمشۇقىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 840 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە بولغان ئەڭ كەڭ جايى 336 كىلومېتر كېلىدۇ، مەيدانى 150 مىڭ 70 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ، ئاھالىسى 86 مىڭدىن ئوشۇق (1979) بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ %27 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئارالنىڭ غەربىنى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان جەنۇبىي ئالىپ تېغى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ تاغدىكى كۆك چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3764 مېتر بولۇپ، يېڭى زېلاندىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئېگىز تاغلىق رايونلاردا مۇزلۇقلار، كۆللەر كۆپ، ئارالنىڭ شەرقىگە تار، ئۇزۇن كەتكەن دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى جايلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كانتېربىرى تۈزلەڭلىكى ئەڭ چوڭ بولۇپ، 12400 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. دەريالىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربتىكى تاغلىقلاردىن باشلىنىپ شەرقىي جەنۇبتىكى تۈزلەڭلىكلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. كلۇسا، ۋاتاكى دەريالىرى مۇھىم دەريالىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600-1000 مىللىمېتر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 6000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. جەنۇبىي ئارال ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇغداي ئۆستۈرۈش بىلەن قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. كانتېر بىرى تۈزلەڭلىكى يېڭى زېلاندىيىنىڭ <ئاشلىق ئامبىرى> دەپ ئاتىلىدۇ. تېرىلغۇ مەيدانى پۈتۈن دۆلەت تېرىلغۇ مەيدانىنىڭ 5/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئارالدا چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىلشەش، خىمىيە، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كرستچورچ، دۇنېدىن، ئىنۋېركارگىل، نارسىن، تىمارو قاتارلىق شەھەرلىرى بار.