ۋالېس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چوڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر قىسمى بولۇپ، شەرقىي تەرىپى ئەنگلىيە قىسمى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربى سانت گېئورگىيە بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 20 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليون 770 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ئاھالىنىڭ كۆپىنى ۋالېسلىقلار ئىگىلەيدۇ، مەركىزى كاردىفف شەھىرى. ۋالېسنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ، ھاۋاسى قىشتا يىللىق، يازدا سالقىن بولىدۇ. چارۋا مەيدانلىرى پۈتۈن يېرىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆمۈر، بېلىق بايلىقى ناھايىتى مول. ۋالېس 1282 - يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق كىنەزلىك بولغان. 1535 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن بىرلەشكەن. ھازىرمۇ ئەنگلىيىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ، ۋالېس ئىقتىسادتا چارۋىچىلىق بىلەن كۆمۈر ئېلىش، مېتاللۇرگىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. شىمالدا گۆشلۈك چارۋا، غەربىي جەنۇبىدا سۈتلۈك چارۋا بېقىلىدۇ، دېڭىزدىن كۆپ مىقداردا بېلىق تۇتۇلىدۇ. شەرقىي قىسمى كالا بېقىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي قىسمىدىكى جىلغا رايونلىرىدا سەي، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. جەنۇبىي قىسمى كۆمۈر، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، نېفىت ئايرىش سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. ۋالېسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مىلفورد غەربىي ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت پورتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ جايدىن سوزۇلغان نېفىت تۇرۇبىلىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا تۇتاشتۇرۇلغان. ۋالېسنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا سۇ ئۇنىسى، نيۇ پورت قاتارلىق شەھەرلەر بار.