UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربالقان تاغلىرى

بالقان تاغلىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئاساسىي تاغ بوۇپ، ئالىپ - كارپات تاغلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بالقان تېغىنى بۇلغارىيىلىكلەر <ستاپاپلانىنا> تېغى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ غەربتە يۇگۇسلاۋىيە چېگرىسىدىكى تىموك دەريا بويىدىن باشلىنىپ، بۇلغارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىنى توغرىسىغا كېسىپ، شەرقتە قارا دېڭىز قەدەر 555 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 50 مېترغا يېتىدۇ. تاغ ئومۇرتقىسى دەرياللار بىلەن كېسىلگەن بولۇپ، ئىسكې دەريا بويى ۋە كامچىيا دەريا بويى يوللىرى شەكىللەنەەن. تاغلىقتا يەنە مەشھۇر شىپوكا جىلغىسى بار. بالقان تېغى غەرب، ئوتتۇرا، شەرق دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى ئېگىز بولۇپ، بوتېف چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2376 مېتر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ شىمالىي باغرى يانتۇراق بولۇپ، اۋا تېمپراتۇراىسى تۆۋەن، ھاۋاسى نەم كېلىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىپتۇرىدۇ، جەنۇبىي باغرىدا قۇياشنىڭ يورۇتۇشى كۈچلۈك، قۇرغاق، شالاڭ ئورمالىق كېلىدۇ. تاغدىن ئېقىپ چىقىدىغان دەريالارنىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى مول. تاغلىقتا كۆمۈر، گېپىس، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى، تاغ ئۆڭكۈرلىرى، ئارشاڭلار، مىنېرال بۇلاقلار كۆپ. شۇڭا بۇ جاي بۇلغارىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت ھەم دەپ ئېلىش رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بالقان تاغلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki