UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگېنۇيا

گېنۇيا

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئىتالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى، مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ فرانسىيىنىڭ مارسىل پورتىدىن قالسا ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. گېنۇيا ياۋروپا بويىچە مەشھۇر قەدىمىي شەھەر، شەھەرنى لگورىيە، ئاپىنن تاغلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. بىراق، بۇ تاغلار ئارىلىقىدا شىمالىدىكى پو دەريا بويىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان تاغ ئېغىزلىرى بار. شەھەر دېڭىز قىرغىقى بويلاپ 32 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلغان، شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1976). گېنۇيا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاپتونوم شەھىرى بولغان، مىلادىيە 11 - ئەسىردە شەھەرلىك جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلۇپ، سىرتقا كېڭىيشىكە باشلىغان. 1797 - يىلى فرانسىيىلىك ناپالىئون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1805 - يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىدە بولغان. 1815 - يىلدىكى ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1861 - يىلى ئىتالىيە پاددىشاھلىقى دائىرىسىگە ئۆتكەن. گېنۇيا ئىتالىيە بويىچە سانائەر مەركىزىنىڭ بىرى، بۇ ئىتالىيىنىڭ سودا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى شۋېتسارىيىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىمپورت قىلىنىدىغان سانائەت خام ئەشيالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گېنويا پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. گېنويا پورتى تۆمۈر يول ئارقىلىق شۋېتسارىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شۇڭا ئۇ شۋېتسارىيىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گېنۇيا ئىتالىيە بويىچە ئەڭ چوڭ كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى. ئىتالىيە بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پاراخوتلارنىڭ 2/3 قىسمى مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇ كېمىسازلىق سانائىتى بىلەن ئىتالىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيە، ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ ئىتالىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گېنۇيا ئىتالىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا سوزۇلغان بىرنەچچە تارماق تۆمۈر يول، تاشيوللار بار. ئۇنىڭدىن باشقا گېنۇيا شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شۋېتسارىيە ۋە گېرمانىيىلەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان مۇھىم نېفىت تۇرۇبىسىمۇ بار. شەھەردە يەنە نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق چېركاۋلا، ئوتتۇرا ئەسىردە سېلىنغان نۇرغۇن تارىخىي ئورۇنلار، مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر