خاپومايسوشىما ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي شىمالى تىنچ ئوكياندىكى ياپونىيىنىڭ خوككايدۇ ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، گىنشى يېرىم ئارىلىدىكى ناشابو تۇمشۇقىدىن 7 كىلومتېر يىراقلىقتىكى دېڭىزغا جايلاشقان. سۇيشوتو، ئاليۇرىتو، شىبوتسۇجىما، تاراكوتو قاتارلىق ئاراللار بىلەن ئەتراپىدىكى مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەيدانى 100 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاراللارنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك. بەزى جايلىرى ئېگىز - پەس كېلدۇ. ئاراللار ئىچىدە شىبوتسۇجىما ئارىلىنىڭ مەيدانى چوڭراق بولۇپ، 45 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتر، شىمالنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 9 مېترغا يېتىدۇ. ئاراللار ئەتراپىدا مارجان ئاراللىرى كۆپ بولۇپ، قاتناش ئىشلىرىغا زور توسالغۇ بولۇپ تۇرىدۇ. ئاراللار ئەتراپىدا سۇ مەھسۇلاتلىرى كۆپ.