ۋلتاۋا دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چېخ ۋەسلوۋاكىيىنىڭ غەربىدىكى لابا دەرياسىنىڭ سول ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ تارمىقى. دەريانىڭ باش مەنبەسى شوماۋا تېغىنىڭ 1172 مېتىر ئېگىز قىسمىدىن باشلىنىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي جەنۇبقا، ئاندىن غەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ، چېخ - بوجيوۋى ئويمانلىقى ئارقىلىق ئوتتۇرا چېخ ۋەسلوۋاكىيە ئېگىزلىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، چوڭقۇر جىرالارنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پراگا شەھىرى ئارقىلىق مېرنىك ئەتراپىدا ئېلىبا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى لابا دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 446 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پراگا ئەتراپىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 142 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. دەريا سۈيى ئەتىيازدا كۆپىيىدۇ، يازدا ئازىيىدۇ. دەريا ئاغزى بىلەن پراگا ئارىلىقىدا 12 چۈشۈرگە بار، دەريا سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 2.1 مېتىر كېلىدۇ، يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ شىچېخوۋىسىگە قەدەر بولغان 84 كىلومېتىر ئارىلىقتا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. قالغان قىسىملىرىدا ياغاچ ئېقىتىلىدۇ. دەريا بويىدا قۇرۇلغان سۇ ئامبىرى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن كۆپ مىقداردا توك ئېلىنىدۇ، ئېتىز - ئېرىقلار سۇغىرىلىدۇ.