UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركولىسكى يېرىم ئارىلى

كولىسكى يېرىم ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان يېرىم ئارال، سىياسىي جەھەتتە روسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇرمانسكى ئوبلاستىغا قارايدۇ، شىمالىي تەرەپ بارېنتىس دېڭىزى بىلەن، جەنۇبىي تەرەپ ئاق دېڭىز سۇلىرى بىلەن يۇيۇلپ تۇرىدۇ. غەربىي تەرەپ كولىسكى دەرياسى، ئىماندىرا كۆلى ھەم نىۋا دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ شىمالىي ھەم ئوتتۇرا قىسىملىرى پەس تاغلىق، جەنۇبىي قىسمى سازلىق ھەم كۆل بويى تۈزلەڭلىكلىرىدىن ئىبارەت. غەربىي چېگرىسىدا 1000 مېتىردىن ئېگىز بولغان تاغلىقلار بار. كان بايلىقلىرىدىن مىس، نېكىل، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. كولىسكى يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى شىمالىي قۇتۇپ دائىرىسىگە توغرا كېلىدۇ، 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8-℃13، 7 - ئايلىقى ℃8-℃14 كېلىدۇ. يىللىق ھكل - يېېغىن مىقدارى 300 - 750 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يازلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈندۈز، قىشلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچە بولىدۇ. دەريالىرى قىسقا، سۇ كۈچى بايلىقى مول، بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. كان سانائىتى بىلەن مېتاللۇرگىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا قولتۇقلار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىد كولىسكى قولتۇقى ئەڭ چوڭ. كولىسكى يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان يىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن قىشلىقى دېڭىز قىرغاق سۇلىرى توڭلىمايدۇ. كولىسكى قولتۇقى ئاغزىغا جايلاشقان مورمانسكى پورتى قىشتا سۈيى توڭلىمايدىغان مۇھىم سودا، ھەربىي پورت ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش، چۆكۈش كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ئالىدىغان بىرىنچى ئېلېكتر ئىستانسىسى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر