UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرھامبۇرگ

ھامبۇرگ

دۇنيادىكى شەھەرلەر گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر ئېلبا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا، ئالىستېر بىللې دەريالىرىنىڭ ئېلبا دەرياسىغا قوشۇلىدىغان يېرىگە جايلاشقان. ئېلبا دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان قىسىملىرى يەر ئاستى تونېلى ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. ھامبۇرگ شەھىرىنىڭ شىمالىي دېڭىزغا قەدەر بولغان ئارىلىقى 120 كىلومېتىر بولسىمۇ، ئوكيان پاراخوتلىرى ئېلبا دەرياسىنى بويلاپ كېلەلەيدۇ. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 650 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 167 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى بۇ جايدا بىر قەلئە قۇرغان بولۇپ، <خاممى> دەپ ئاتالغان، 13 - ئەسىردە شىمالىي گېرمانىيىدىكى پورت شەھەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەركىن سودا بىرلەشمىسى بولۇپ قۇرۇلغان. ھامبۇرگ شەھەر رايونىدا دەريا تورلىرى ناھايىتى زىچ بولۇپ، بۇ شەھەرنى 1500 دىن ئوشۇق چوڭ - كىچىك كۆۋرۈك بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئورۇن ياۋروپا بويىچە كۆۋرۈك ئەڭ كۆپ شەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەھەردە يەنە تەرەپ - تەرەپكە كەتكەن يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرى كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ھامبۇرگ پورتى ئىچكى پورت ۋە سىرتقى پورت دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ پورتلار مۇھىم سۇ قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، مۇھىم خەلقئارا ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. ھامبۇرگدىن 5 قىتئەگە بارىدىغان 298 ھاۋا قاتناش لىنىيىسى بار. ھامبۇرگ گېرمانىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ كېمىسازلىق سانائىتى بىلەن گېرمانىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ھامبۇرگ گېرمانىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا ئاتاقلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، بانكىلار، ستراخۋانىيە شىركەتلىرى، ئاتاقلىق ھامبۇرگ داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، سەنئەت، دېڭىز قاتناش تېخنىكوملىرى، مۇزېيلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر