UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەريېرېۋان

يېرېۋان

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئەرمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر 1936 - يىلغىچە ئېرىۋان دەپ ئاتالغان، كېيىن رۇسلار گرۇزىيىلىكلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تىلىنى قوبۇل قىلىپ، يېرېۋانغا ئۆزگەرتكەن. يېرېۋان شەھىرى ئاراكىس دەرياسىنىڭ تارمىقى رازدان دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان، شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900-1300 مېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 113 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). يېرېۋان شەھىرىنىڭ ئاساسى مىلادىيە 6 - ئەسىرلەردىن باشلاپ سېلىنغان. 1936 - يىلدىن باشلاپ ئەرمەنىستاننىڭ مەركىزى بولغان. يېرېۋان ئەرمىنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، پۈتۈن جۇمھۇرىيەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك بۇ شەھەرگە توپلانغان. بۇ جاي كاۋكاز رايونى بويىچە مۇھىم ستانوك، ئېلېكتر ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى. خىمىيە سانائەت، رەڭلىك مېتالچىلىق سانائىتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شەھەر ئەتراپىدا بىرنەچچە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئەرمەنىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
يېرېۋان | UyghurWiki | UyghurWiki