UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاسسېنسىئون ئارىلى

ئاسسېنسىئون ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ۋولقان ئارىلى، ئۇ جەنۇبىي كەڭلىك ° 56 7 بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق °22 14 نىڭ تۇتاشقان يېرىدىن ئورۇن ئالغان. يەر مەيدانى 88 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 5018 دىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن قالسا ئىنگلىزلار، ئاسىيا، ئافرىقىلىقلار بار. خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. مەركىزى — گېئورگې تاۋون شەھىرى، ئاسسېنسىئوننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئېچىلىپ قالغان تاشلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ، ئەڭ ئېگىز قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 859 مېتر كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. يەرلىك خەلق مېۋە - چېۋە، سەي ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن قوي بېقىلىدۇ. بۇ ئاراللار 1815 - يىلى ئەنگلىيە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، 1922 - يىلى ئەنگلىيە كونتروللۇقىدىكى ھېلىنا ئارىلى بىلەن ئاسسېنسىئون ئارىلى (بۇ ئىككى ئارالنىڭ ئارىلىقى 1100 كىلومېتر كېلىدۇ) بىر رايون بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە. ئاسسېنسىئون ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئارال. ئۇنىڭ دېڭىز، ھاۋا قاتنىشىدىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، بۇ جايدا ئەنگلىيە، ئاق ش نىڭ ھەربىي بازىسى، رادار، خەۋەرلىشىش پونكىتلىرى، كۆزىتىش ئورنى، ئايرودرومى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش مەيدانلىرى بار. بۇ جايدىن تارتىلغان دېڭىز ئاستى خەۋەرلىشىش سىملىرى سانت ھېلىنا ئارىلى، ئافرىقىدىكىسېردالىئون، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازېلىيە، ئارگېنتىنالارغا تۇتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسسېنسىئون ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki