UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركوماندور تاقىم ئاراللىرى

كوماندور تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىي، سوۋېت ئىتتىپاقى كامچاتكا ئارىلىنىڭ 200 كىلومېتر شەرقىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان يانار تاغ تاقىم ئاراللىرىدىن ئىبارەت. ئۇ بېرىنگ ئارىلى، ماندىنى ئارىلىم توپوركوف ئارىلى ھەم ئارىخادا تاشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1848 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايى 751 مېترغا يېتىدۇ. ئىقلىمى دېڭىز ئوكيان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، كۆپ جايلىرى ئوتلاق ۋە ئېگىز تاغ توندىرا بەلبېغى بىلەن قاپلانغان. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا خىلمۇ خىل يۇسۇنلار ۋە دېڭىز ئېتى، قۇندۇز، قاما قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇ ئاراللار سىياسىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارايدۇ، بېرىنگ ئارىلى بىلەن ماندىنى ئارىلىدا ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بېلىقچىلىق ھەم ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر