UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركونگو دەرياسى

كونگو دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئافرىقا بويىچە نىل دەرياسىدىن قالسا ئىككىنچى وچڭ دەريا بولۇپ، زايىر دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ باش مەنبەسى زامبىيىنىڭ شىمالىدىكى چامبېزى دەرياسى بولۇپ، بۇيۇما شاقىراتمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن زايىر دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى كونگو ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4640 كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريانىڭ تارماقلىرى ناھايىتى زىچ بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇبانگى، سانگا، كاساي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كونگو دەرياسىنىڭ تارماقلىرى زەمبىيە، زايىر، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، كۆلىمى 3 مىليون 690 مىڭ كۋادراتك ىلومېتىر بولۇپ، ئافرىغا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كونگو دەرياسىنىڭ تارماقلىرى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم رايونىدىن باشلانغانلىقتىن، دەريانىڭ ئېقىن مىقدارى ناھايىتى مول، دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى ئېقىن مىقدارى 40 مىڭ كۇب مېتىر سېكۇنت كېلىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا 80 مىڭ كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. ئېقىن مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا ئامازون دەرياسىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇنداتۇرىدۇ، دەريانىڭ سۇ كۈچى بايلىقى مول بولۇپ، مۆلچەر بويىچە 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، دەريانىڭ غول ۋە تارماق لىنىيىلىرىدە 43 شاقىراتما بار، دەريانىڭ غول لىنىيىسى بىلەن ئۇنىڭ 39 تارماق لىنىيىسىدە پاراخوتلار قاتنىيالايدۇ. سۇ قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شاقىراتما لىنىيىلىرىدە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر