ۋىندخوك
دۇنيادىكى شەھەرلەر
نامبىيىنىڭ مەركىزى، مۇھىم سانائەت ھەم قاتناش مەركىزى. شەھەر دېڭىز يۈزىدىن 1645 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان. ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ يېرىمىنى ئاق تەنلىكلەر ئىگىلەيدۇ. ۋىندخۇك شەھىرى 1870 - يىلى قۇرۇلغان، 1892 - يىلدىن 1915 - يىلغىچە گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى بولغان. 1915 - يىلدىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا ئېرىقچىلار ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. ھازىر بۇ شەھەردە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە سانائەت، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر تۆمۈريول ئارقىلىق دېڭىز قىرغىقىدىكى مۇھىم پورت ئولفىشىن شەھىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا خەلقئارا ئايرودرومى، مىنېرال بۇلاقلار بار.