بېرىنگ بوغۇزى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئاسىيا قىتىئەسىنىڭ ئەڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكى دىۋنوف تۇمشۇقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى ئوئېللىس تۇمشۇقىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. بوغۇزنىڭ كەڭلىكى 35 كىلومېتردىن 86 كىلومېترغىچە، چوڭقۇرلۇقى 30-50 مېتر كېلىدۇ. بوغۇزدا ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئۈمىد ئارىلى ئا ق ش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا سىزىقلىرىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. بېرىنگ بوغۇزىنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى يىللىق تىنچ ئوكيان سۇلىرى شىمالىي مۇز ئوكيانغا، شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ سوغۇق سۈيى ئاستى قىسمىدىن تىنچ ئوكيانغا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. بوغۇزدا ھەريىلى ئۆكتەبردىن ئىككىنچى يىلىنىڭ 4 - ئېيىغا قەدەر مۇز قاتىدۇ. يازلىقى كۆپ تۇمانلىق بولۇپ، قاتناشقا دەخلى يېتىدۇ. بېرىنگ بوغۇزىغا تۇنجى قېتىم 1648 - يىلى يىلى كازاك س. دېژنوف، س. ئاپوپوۋلار بارغان. بۇ ئېكسپېدىتسىيىنىڭ كەسپىي ھۈنەرۋەنچىلىك ئېكسپېدىتسىيىسى ئىدى. 1728 - يىلى بېرىنگ باشچىلىقىدىكى رۇس ئېكسپېدىتسىيىسى بۇ جايغا كەلگەن. بۇ ئېكسپېدىتسىينىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بوغۇزنىڭ نامى بېرىنگ نامىغا بېرىلگەن. 1732 - يىلى فېدوروۋ، گۋزديۋلار بۇ بوغۇزنى تۇنجى قېتىم خەرىتىگە چۈشۈرگەن.