كىتو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئېكۋاتۇر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. كىتو شەھىرى ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدىكى پىچىنا يانار تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ۋادىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2850 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى يىللىق كېلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃13 تىن ℃14 قىچە بولۇپ، دۇنيادا تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق پەرقى ئەڭ كىچىك (0.6℃) ئورۇننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئاھالىسى 880 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). كىتو ئەسلىدە ئىندىئان قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، 1553 - يىلى بۇ جاينى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بېسىۋالغان. 1830 - يىلى ئېكۋادور مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. كىتو كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشكە ئۇچراپ ۋەيران بولغاندىن كېيىن، قايتا قۇرۇلۇپ، ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. شەھەردە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، كۆن - خۇرۇم، نېفىت خىمىيە، مېتالچىلىق، ياغاچچىلىق، ئويمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر يېنىدا خەلقئارا ئايرودرومى، نۇرنۇنلىغان چېركاۋلار، خەلقئارا بانكىلار، چوڭ مېھمانخانىلار، مەيدانلار، خاتىرە ئورۇنلىرى، مۇزېي، رەسەتخانا، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردىن 24 كىلومېتىر غەربىي شىمالغا جايلاشقان ئورۇندا ئېكۋاتور خاتىرە تېشى بار.