UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركلۇژ

كلۇژ

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپادىكى رۇمىنيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، سومىش دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 260 مىڭدىن ئاشىدۇ. كلوژدا مىلادىيە 10 - ئەسىردىلا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان مەھەللەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قول سانائىتى تەرەققىي قىلغان. 16 - ئەسىردە مېتالچىلىق سانائەت ئورۇنلىرى بارلىققا كەلگەن، بۇ ۋاقىتتا كلۇژ <گۆھەر شەھەر> دەپ ئاتالغان. ھازىرمۇ قشەھەرنىڭ ئايرىم جايلىرىدا كونىشەھەر خفرابىلىرى ساقلانماقتا. كلوژ رۇمىنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ خىمىيە سانائىتى رۇمىنىيە بويىچە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا خىمىيە سانائىتىگە زۆرۈغر بولغان تەبىئىي گاز، ئاشتۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. كلۇژ شەھىرىدە خىمىيە سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ئاياغ كىيىم، فارفۇر قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. كلۇژ رۇمىنىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، 1872 - يىلى قۇرۇلغان كلۇژ داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق دوختۇرخانىلار، تىياتىرخانىلار، تراسلۋانىيە مۇزېيخانىسى، ئۆسۈملۈك باغچىسى، 15 - ئەسىردە سېلىنغان گات شەكىللىك چېركاۋلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كلۇژ | UyghurWiki | UyghurWiki