ترونخېم
دۇنيادىكى شەھەرلەر
نورۋېگىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئاتاقلىق ھەربىي پورتى. بۇ شەھەر ترونخېم قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 996 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، نىداروس دەپ ئاتالغان. 1380 - يىلىدىن بۇرۇن نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى بولغان. 1931 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. شەھەر ئاھالىسى 136 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەرنىڭ كېمىسازلىق، بېلىق كونسېرۋا ئىشلەش، ياغاچ، قەغەز، مېتاللۇرگىيە، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. ترونخېم شەھىرىنىڭ دېڭىز ترانسپورتى، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، تۆمۈريوللار ئارقىلىق شىمالدا فائوسك، بودا شەھەرلىرى بىلەن، شەرقتە شېۋېتسىيە بىلەن، جەنۇبتا ئوسلوسلو قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ترونخېم شەھىرىنىڭ يېنىدا زامانىۋىلاشقان نېفىت ۋە سودا پورتى بار بولۇپ، سىرتقى سودىسى تەرەققىي قىلغان.