خاي - پخوڭ شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر قىزىل دەريا دېلتىسىنىڭ شەرقىي شىمال، جىڭتەي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، شىمالىي قولتۇقىنىڭ بويىغا جايلاشقان. مەيدانى 1515 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ جاي ئەسلى كىچىك بىر بېلىقچىلىق يېزىسى بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى فېئودال خانلار بۇ جايدا <دېڭىزدىن كىرىشنى قوغداش> چېگرا پونكىتى قۇرغان. شەھەر جىڭتەي دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ مۇھىم ھەربىي ستراتېگىيىلىك ئورنى ھەم دېڭىزدىكى ئىشىكى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى. سانائىتىدە سېمونت، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، خىمىيە، فارفور، شال ئاخلاش، كونسېرۋا، ئەينەك قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق خانوي بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. پورتتىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13-15 مېتر كېلىدۇ، ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توختىيالايدۇ.