خام خېئۇڭ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خاميوڭ نامدو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى، مۇھىم ئېغىر سانائەت شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا ئازاتلىقتىن بۇرۇن خىمىيىۋى ئوغۇت، مىلتىق دورىسى ئىشلەپ چىقىرىلاتتى، ئازادلىقتىن كېيىن نۇقتىلىق خىمىيە سانائىتى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ھازىر ئۇ چاۋشيەننىڭ مۇھىم خىمىيىۋى ئوغۇت، سۈنئىي ئىلمەتالا ئىشلەش، مېتالچىلىق سانائەتلىرىنىڭ مەركىزى. مەشھۇر <2.8> نېلون ئىشلەش زاۋۇتى، خوڭنام خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى، پۇنگۇڭ خىمىيىۋى زاۋۇتى، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، قوڭۇر كۆمۈر كان رايونلىرى بار. شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز قاتنىشى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە يەنە مىدىتسىنا، خىمىيە سانائەت ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار.