UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرماۋئى ئارىلى

ماۋئى ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال. ئورنى ھاۋاي ئارىلىدىن 41 كىلومېتىر غەربىي شىمالغا توغرا كېلىدۇ. مەيدانى 1886 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 46 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارالدىكى خالېئاكالا يانار تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3063 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ يانار تاغ 1750 - يىلى ئاخىرقى بىر قېتىم ھەرىكەت قىلغان، يانار تاغ ئۈستىدىكى يانار تاغ ئاغزى خىلمۇخىل رەڭدىكى جىنسلار بىلەن تولغان كۆلچەكتىن ئىبارەت. بۇ كۆلچەك كىشىلەرگە ھەر مىنۇتتا بىر قېتىم رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغاندەك تەسىر بېرىدۇ. بۇ جاي خفلېئاكالا دۆلەت باغچىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بۇ ئارالدا شېكەر قومۇشى، ئاناناس قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئارالنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋايلۇكۇ ئەڭ چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. غەربىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى لاخايىنا ئەڭ بۇرۇنقى كىت تۇتۇش پورتى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ماۋئى ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki