UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئالمالىق

ئالمالىق

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشكەنت ئوبلاستىدىكى شەھەر. كۇرامىن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، سىر دەرياسىنىڭ شەھەر. كۇرامىن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، سىر دەرياسىنىڭ تارمىقى ئانگرېن دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان. تاشكەنت — ئالمالىق تاشيولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979)، بۇ شەھەر 1951 - يىلى سېلىنغان، ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم رەڭلىك مېتاللورگىيە سانائەت مەركىزى، بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى كان - سانائەت شىركىتى بار بولۇپ، مىس، سىنك، قوغۇشۇن،كىسلاتا، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، يەنە ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش زاۋۇتى قاتارلىقلارمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئالمالىق | UyghurWiki | UyghurWiki