موسكۋا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى، روسىيە فدېراتسىيىسى بىلەن موسكۋا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، سوۋت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. موسكۋا شەرقىي ياۋروپا (رۇس تۈزلەڭلىكى) تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، موسۋا دەرياسى ھەم ئۇنىڭ تارمىقى بولغان رىئوزا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 8 مىليون 646 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئۇ دۇنيادىكى زامانىۋى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. موسكۋا 1156 - يىلى كىچىك بىر شەھەرچە بولۇپ قۇرۇلغان، 13 - ئەسىردە موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ 1918 - يىلغىچە چارروسىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت مەركىزى بولغان. 1918 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بولغان. موسكۋا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى. مۇھىم خەلقئارا قاتناش مەركىزى، دۆلەت بويىچە ئاتاقلىق تۆمۈر يول تۈگۈنى. موسكۋانىڭ نازۇك ماشىنا - ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش، ستانوك، ئاپتوموبىل، خىمىيە، سانائەت، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىياتچىلىق سانائەتلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ، ماشىنىسازلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن شەھەردىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %50 نى، ماشىنىسازلىق سانائىتىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلار شەھەردىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ 50% نى تەشكىل قىلىدۇ. موسكۋا شەھىرىدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە قاراپ 10 نەچچە تارماق غول تۆمۈر يول لىنىيىسى سوزۇلىدۇ. بۇ جايدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان نۇرغۇن ھاۋا قاتناش لىنىيىلىرى بار. موسكۋانىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشى ۋە يەر ئاستى تۆمۈر يول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1935 - يىلى قېزىلغان، يەر ئاستى تۆمۈريولىنىڭ 1979 - يىلدىكى ئۇزۇنلۇقى 164.5 كىلومېتىرغا، 1980 - يىلدىكى ئۇزۇنلۇقى 198 كىلومېتىرغا، يەر ئاستى تۆمۈريول بېكەتلىرى 123 كە يەتكەن. موسكۋا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدىكى قىزىل مەيداندا لېنىن قەبرىسى بار. شەھەردە موسكۋا داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، سوۋىت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق كرېمىل سارىيى، زامانىۋى قۇرۇلۇشلار، نۇرغۇن داڭلىق باغچىلار، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار.