ۋولت سۇ ئامبىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىدىكى گانانىڭ ۋولت دەريا بويىغا قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى سۈنئىي كۆل. 1967 - يىلى ئاكسۇمبو چوڭ توسمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن، ئۇۇنلۇقى 900 كىلومېتىر، كەڭلىكى 24 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 74 مېتىرغا يېتىدۇ، مەيدانى 8482 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 148 مىليارد كۇب مېتىر سۇ قاچىلاشقا بولىدۇ، تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش، توك تارقىتىش، سۇغىرىش، قاتناش ھەم بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. چوڭ توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 110 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جايغا 912 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتىدىغان بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان. بۇ سۇ ئامبىرى گانانىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.