UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئابادان

ئابادان

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئىراننىڭ ئەڭ مقۇھىم نېفىت سانائەت بازىسىنىڭ بىرى، ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان چوڭ پورتى. ئابادان شەھىرى پېرسىيە قولتۇقىنىڭ شىمالدىكى ئابادان شەھىرى پېرسىيە قولتۇقىنىڭ شىمالدىكى ئابادان ئارىلى بىلەن ئەرەب دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇ يەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئاھالىسى 310 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئابادان دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق نېفىت سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدىكى نېفىت سانائەت ئورۇنلىرى 1913 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان. ئابادان شەھىرى ئەتراپىدا نېفىت، تەبىئىي گاز مەنبەسى مول، سۇ قاتنىشى قولاي بولغانلىقتىن، نېفىت سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. ئابادان نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ بىر يىللىق نېفىت مەھسۇلاتلىرى تۇرۇبا ئارقىلىق ماشار پورتىغا يەتكۈزۈلۈپ ئاندىن پاراخوتقا قاچىلىنىپ چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئابادان نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ خام ئەشياسى ئابداننىڭ شىمالىدىكى ئاۋاز نېفىتلىقىدىن تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئابادان | UyghurWiki | UyghurWiki