بانگالور
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندسىتاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يېڭى سانائەت مەركىزى، كارناتاكا بىرلەشمىسىنىڭ مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەرھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دىكان ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 900 مېتر ئېگىز بولغان ئورۇنغا جايلاشقان. بانگالور شەھىرى تۆۋەن كەڭلىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ، قىش بولمايدۇ. بانگالور ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. شەھەر ئۆز ئىچىدىن كونىشەھەر (سودا رايونى) ۋە يېڭىشەھەر (سانائەت رايونى) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. شەھەر ئەتىراپىدا يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كېۋەز، شال، ياغلىق زىرائەتلەر، تاماكا، چاي قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. بانگالورنىڭسانائىتى ھىندىستان بويىچە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ ئايروپىلان سانائىتى ھىندىستان بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، خىمىيە سانائەت، توقۇمىچىلىق قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇلاردىن سىرت يەنە شال ئاقلاش، ئۇن زاۋۇتى، شېكەر، ياغ چىقىرىش، قەغەزچىلىك، يىپەك،گىلەم توقۇش سانائەت ئورۇنلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. بانگالور ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مادىراش — بانگالور — قىيومباتور سانائەت رايونىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەركىزى شۇنداقلا جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن مادىراس، بومباي، مەيسور قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان مۇھىم تاشيول، تۆمۈريول تورلىرى بار.