جەنۇبىي چاۋشيەن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇ شىمالىي كەڭلىك 30° ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىق ھەربىي چېگرا سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 98 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 40 مىليون 890 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چاۋشيەن مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ، چاۋشيەن تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. جەنۇبىي چاشيەننىڭ شەرقىي تاغلىق، دېڭىز قىرغاقلىرى تۈز، غەربىي جەنۇبىي ئېدىرلىق ھەم تۈزلەڭلىك، دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن، ئۇششاق ئاراللار كۆپ. دەريا تورلىرى زىچ، ئىقلىمى سۇبتروپىك مۇسسۇنلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1500 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. جەنۇبىي چاۋشيەنگە 1945 - يىلى ئا ق ش بېسىپ كىرگەن. 1948 - يىلى يەككە سايلام ئۆتكۈزۈپ قورچاق جەنۇبىي چاشيەننىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. جەنۇبىي چاۋشيەن 1962 - يىلىدىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئېكسپورت قىلىدىغان سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇرغان. بۇ خىل سانائەت ئىچىدە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەكنى ئاساس قىلغان يېنىك سانائەت ئاساسىي ئورۇننى (60%) ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ ئېلېكترون، نېفىت - خىمىيە، پولات - تۆمۈر، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. بىراق سانائىتىنىڭ % 80نى ئا ق ش، ياپونىيە كاپىتالى كونترول قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئۇششاق تارماق ئىگىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ماشىنىلىشىش سەۋىيىسى يۇقىرى ئەمەس. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق شال ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا بۇغداي، دادۇر، كېۋەز، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. پىلىچىلىكى بىلەن بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. خان - گاڭ، راكدوڭ - گاڭ، كۇم - گاڭ دەيالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي چاۋشيەن چەت ئەللەرگە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئاياغ كىيىم، باسما تاختا، ئاپتوموبىل، پاراخوت قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. نېفىت، بۇغداي، ياغاچ، توقۇمىچلىق ماشىنىلىرى، كېرەكسىز پولات ماتېرىياللىرى ئىمپورت قىلىدۇ. ئاساسىي سانائەت ئورۇنلىرى سېئول، پوسان قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن.