UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرقارا تۇمشۇق

قارا تۇمشۇق

دۇنيادىكى شەھەرلەر كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، دۆلەتنىڭ مەشھۇر سانائەت ۋە سودا مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 142 مىڭدىن ئاشىدۇ. قارا تۇمشۇق 1934 - يىلدىن 1943 - يىلغىچە سېلىنغان سۈنئىي پورت بولۇپ، كونگو جۇمھۇرىيىتىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىپلا قالماستىن، چاد، ئوتتۇرا ئافرىقا، گابون قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورت - ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرىمۇ قارا تۇمشۇق پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىر يىلدا پورتقا كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان پاراخوتلار 110 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ شەھەردە نېفىت ئايرىش، سېمونت، كېمىسازلىق، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتالچىلىق، ېيمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر