دنېپر سۇ ئامبىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
<لېنىن كۆلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆل دنېپر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇزۇنلۇقى 170 كىلومېتر، ئەڭ كەڭ جايى 3.5 كىلومېتر كېلىدۇ. مەيدانى 420 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 8.2 مېترغا يېتىدۇ. 3 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتر سۇ سىغىدۇ. بۇ سۇ ئامبارىنىڭ توسمىسى 1927 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان. ئۇزۇنلۇقى 760 مېتر، ئېگىزلىكى 60 مېتر كېلىدۇ. 1932 - يىلى توك تارقىتىشقا باشلىغان. سۇ ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن دنېپر دەرياسىنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاشقا زور ياردىمى بولدى، بۇنىڭ بىلەن لىيېف شەھىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا پاراخوت قاتناش شارائىتى ياخشىلاندى.