UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئالبېرت قانىلى

ئالبېرت قانىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپادىكى بېلگىيىننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قانال. ئۇ غەربتە ماس دەريا بويىدىكى لېژ شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە سخلېد دەريا بويىدىكى ئانتۋېرپېن شەھىرىگە قەدەر سوزۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 130 كىلومېترغا يېتىدۇ. ئەڭ تار يېرى 16.2 مېتر، ئەڭ تېيىز يېرى 5 مېتر كېلىدۇ. بۇ قانال 1930 - يىلى قېزىلىشقا باشلىنىپ، 1939 - يىلى پۈتكەن بۇ قانالدا 2000 توننىلىق دەريا پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. بۇ قانال لېژ ئانتوېرپېندىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. قانالنىڭ يۈك توشۇش جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر