UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربالقان يېرىم ئارىلى

بالقان يېرىم ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋورپادىكى ئۈچ چوڭ يېرىم ئارالنىڭ بىرى بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىنى ئادرىئاتىك دېڭىزى، ئىئونىيە دېڭىزى، جەنۇبىنى ئېگەي دېڭىزى، شەرقىي تەرىپىنى قارا دېڭىز، بوسفور بوغۇزى، مەرمەر دېڭىزى، داردانىل بوغۇزىنىڭ سۈيى يۇيۇپ تۇرىدۇ. پۈتۈن بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ يەر مەيدانى 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئالبانىيە، گرېتسىيە، يۇگۇسلاۋىيە، بۇلغارىيىلەرنى، تۈركىيىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 50 مىليوندىن ئوشۇق بولۇپ، مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ، بۇ رايوندا دۇمىن، سىربىيە، گرىك، خوراۋات، ئالبان، سىلوۋىنيە، ماكىدونىيە، قارا تاغ، تۈرك، ۋېنگر، نېمىس، يەھۇدى قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بالقان يېرىم ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki