ئوكسفورد
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، تېمزا دەرياسى بىلەن چېرۋىلل دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان ئاتاقلىق ئالىي مائارىپ مەركىزى. بۇ جاي مىلادىيە 912 - يىللىرى نەشر قىلىنغان <ئانگلوساكسونلار يىلنامىسى> ئوكسناد دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نام قىسقارتىلىپ ئوكسفورد قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئوكسفورد شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 115 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ شەھەر ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدىن پەقەت 87 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. بۇ جايدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، پولات - تۆمۈر، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. ئوكسفورد شەھىرىدە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدا ئەنگلىيە بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئوكسفورد داشۆسى (1168 - يىلى قۇرۇلغان) قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، كۇتۇپخانىلار، مۇزېيلار، رەسەتخانا قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەردە مۇنار شەكلىدە سېلىنغان قۇرۇلۇشلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئۇنى <مۇنارە شەھىرى> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئوكسفورد شەھىرىنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، دەريا - قاناللار ئارقىلىق شىمالدا لىۋېرپول شەھىرىگە شەرقىي جەنۇبتا لوندونغا، غەربىي جەنۇبتا ئەيۋون دەرياسى ئارقىلىق بىرستول قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغىلى بولىدۇ. بىرقانچە تارماق تۆمۈريوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.