UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربوسپور بوغۇزى

بوسپور بوغۇزى

دۇنيادىكى شەھەرلەر كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى بىلەن بالقان يېرىم ئارىلى ئارىسىغا جايلاشقان بوغۇز بولۇپ، قارا دېڭىز بىلەن يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئارىلىقىدىكى مۇھىم سۇ يولى. قارا دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر شۇ بوغۇز ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا بارالايدۇ. ئۇنىڭ ستراتېگىيە ۋە قاتناشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھى. شۇڭا تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بۇ جاينى كونترول قىلىش يولىدا قاتتىق ئۇرۇش قىلغان. بۇ بوغۇزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتر، كەڭلىكى 750 مېتردىن 2400 مېتر كېلىدۇ، چوڭقۇرلۇقى 27.5 مېتردىن 80 مېترغىچە بولۇپ ھەرخىل تىپتىكى چوڭ پاراخوتلار ئۆتەلەيدۇ. بوغۇزنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى — ئىستامبول جايلاشقان. ئۇ خۇددى بوغۇزنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇداپىئە ئاكوپىدەك قاتناش لىنىيىسىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. 1973 - يىلى سېلىنغان چوڭ ئاسما كۆۋرۈك بوغۇزنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بوسپور بوغۇزى | UyghurWiki | UyghurWiki