بالتىمور
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ شەرقىدىكى مارىلاند شتاتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى بولۇپ، چېسانكى قولتۇقىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى پاتوپوس دەريا بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭغا يېتىدۇ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىسىنىڭ %40 نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر 1729 - يىلى سېلىنغان. ھازىر ئا ق ش بويىچە مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بېرى، پورتنىڭ ماللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا ئا ق ش بويىچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بالتىمور پورتى ئارقىلىق كۆمۈر، كوكس، ئاشلىق، پولات ماتېرىياللىرى، يەم - خەشەك، مىس قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۆمۈر رۇدىسى، نېفىت، شېكەر، گۈڭگۈرت، خام ئەشيا قاتارلىقىلار ئىمپورت قىلىنىدۇ. بالتىمور شەھىرىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە چوڭ تىپتىكى پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، كېمىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، خىمىيە، نېفىت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 1876 - يىلى قۇرۇلغان خوپكىنىسكى داشۆسى بىلەنمارىلاند داشۆسى مەشھۇر ئورۇندا تۇرىدۇ.