خارارىې
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىدىكى زىمبابۋېنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، ئافرىقا بويىچە زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئاھالىسى 656 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). خارارې دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 1472 مېتر ئېگىزلىكتە تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋاسى يىللىق نەم كېلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃18 ئەتراپىدا بولىدۇ. يىل بويى گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ. خارارې شەھىرىنىڭ ئەسلى نامى سالىسبىورى بولۇپ، 1982 - يىلى خارارېغا ئۆزگەرتىلگەن. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا خروم، ئالتۇن كانلىرى بولغانلىقتىن شەھەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز بولغان. خارارې شەھەر ئەتراپى زىمبابۋېنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايونلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق تاماكا تارقىلىدىغان ئورۇنلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە چوڭ تىپتىكى تاماكا زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى بار. يەنە قەغەز، شال، كاۋچۇك، يېمەك - ئىچمەك، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈريول ئارقىلىق ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەرگە، موزامبىك، بوتىسۋانا، ئازانىيىلەرگە بارغىلى بولىدۇ.