مورېسبي پورتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى. مورېسبي پورتى ئېرېئان ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۇ شەرقىي جەنۇبتىكى ئاۋىسترالىيىنىڭ يورك يېرىم ئارىلىدىن 560 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. بۇ پورت چوڭقۇر سۇلۇق فرفاكىس قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا توغرا كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 130 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). مورېسبي شەھىرى پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت بازىسى، بۇ جايدا كېمىسازلىق، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرەىيىسى، يېمەك - ئىچمەك نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەتئ ورۇنلىرى بار. بۇ پورت ئارقىلىق پاپۇئا - يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ كاۋچۇك، پالما قېقى، ياغاچ، مىس رۇدىسى قاتارلىق ماتېرىياللىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. مورېسبي پورتىدىن ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنې شەھىرىگە پاراخوت، ئايروپىلان قەرەللىك قاتنايدۇ. بۇ جايدا 1965 - يىلى قۇرۇلغان پاپۇئا - يېڭى گۋېنىيىسى داشۆسى ۋە باشقا مەدەنىيەت يۇرتلىرى بار.