UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرسۇخۇمى

سۇخۇمى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت گروزىيە ئانجاجىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى 114 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ جايدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6 - ئەسىردىن باشلاپلا ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىغا كەلگەندە مۇھىم قورغان بولغان. بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل. 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃5-℃6، 7 - ئايلىقى ℃24 بولىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. سۇخۇمىي قارا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم ساياھەت، دەم ئېلىش ئورنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ساناتورىيىلىرى شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سانائەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا پاراخوت رېمونت قىلىش، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەردە ئابخاز تارىخى، تىلى، ئەدەبىيەتىنى تەتقىق قىلىش ئورنى، چاي ھەم سۇبتروپىك بەلباغ زىرائەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنى، ئۆسۈملۈك باغچىلىرى (1840 - يىلى قۇرۇلغان) ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر