UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگانگتوك

گانگتوك

دۇنيادىكى شەھەرلەر سىككىمنىڭ مەركىزى. ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1650 مېتىر ئېگىز بولغان تاغ ئۈستىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا <گانگتوك> (تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ ئۈستى دېگەن مەنىدە) دەپ نام بېرىلگەن. گانگتوكنىڭ ئىقلىمى يىللىق، مۆتىدىل بولۇپ، ھۆل - يېغىن مول، تەبىئىي مەنزىرىسى ەۈزەل، ئاھالىسى 15 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەردە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، زامانىۋى ماگىزىنلار، ئاھالە ئولتۇراقلاشقان جايلار، ھەشەمەتلىك خان سارايلىرى، ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە باشقا كىچىك تىپتىكى سانائەتئ ورۇنلىرى بار. گانگتوك ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىك زىارائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، ئارپا، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. گانگتوك ھىندىستاندىن دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىغا بارىدىغان مۇھىم تاشيول تۈگۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر