UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرسېئول

سېئول

دۇنيادىكى شەھەرلەر چاۋشيەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 9 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئۇ چاۋشيەننىڭ كونا پايتەختى، بۇ شەھەر خەنجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي ياقىسىغا جايلاشقان. دېڭىز قىرغىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر دەريا بويىدىكى بىر ئويمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى كىچىك تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. سېئۇل چاۋشيەننىڭ قەدىمىي شەھىرى، 1934 - يىلى لى خاندانلىقى پايتەختنى بۇ جايغا يۆتكەپ كېلىپ، بۇ جاينى سېئۇل (خەنچېڭ) دەپ ئاتىغان. 1913 - يىلى جىڭدو دەپ ئاتالغان. 1945 - يىلى قايتا <سېئۇل> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. سېئۇل جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ مۇھىم سىياسىي ۋە سانائەت مەركىزى. ئۇ ھەرخىل سانائەت تارماقلىرى بىلەن جەنۇبىي چاۋشيەن بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىق، نېفىت، خىمىيە، قەغەز قاتارلىق سانائەتلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىكىدە سەي، مېۋە، چارۋىچىلىقىدا قوي قۇشلىرى، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. سېئۇل جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قانتاش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ يېنىدىكى جىڭبۇدا مۇھىم خەلقئارا ئايرودرومى بار. شەھەردە يەنە دۇكسۇ قاتارلىق سارايلار ۋە باشقا مەشھۇر ئورۇنلار، مۇزېيلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر