ماراكايبو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان چڭ شەھەرنىڭ نامى. ماراكايبو كۆلى جەنۇبىي ئافرىقا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆل، كۆلنىڭ ئاستى ۋە ئەتراپىدا زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بار، بۇ جايدىن زور مىقداردا نېفىت، تەبىئىي گاز ئېلىنىدۇ. ماراكايبو شەھىرى ۋېنېسۇئېلا بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر 1571 - يىلى قۇرۇلغان، شەھەر ئاھالىسى 895 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ پورت ئارقىلىق ئاساسلىق كوفى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. 1917 - يىلدىن بۇيان ماراكايبو ئەتراپىدا زور مىقداردا نېفىت بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دۇنيا بويىچە مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقرىىش ھەم ئاتاقلىق سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھازىر بۇ جاي ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان نېفىت پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ %50 نى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەردە نېفىت، خىمىيە، سېمونت، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئى شلەش، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ماراكايبو شەھىرىدىن كۆلنىڭ شەرقىگە قاراپ ېلىنغان لافر - ئودانتا كۆۋرۈكى كۆلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نېفىت رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلاردا سۈتلۈك كالا بېقىلىدۇ. شەھەردىن ئەتراپقا سوزۇلغان تاشيول، تۆمۈريوللار شەھەر بىلەن ھەرقايسى نېفىت رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.