كارېلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، غەربىي تەرىپى فىنلاندىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى ئاق دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 17 مىڭ 240 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 778 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ كۆپىنى رۇس ھەم كارېلى مىللەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى پېتروزاۋۇدىسكى. كارېلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي پەس ھەم تەكشى، غەربىي ئېدىرلىق تاغلىقلاردىن ئىبارەت. شىمالىي ئورمان تايگا بەلبېغىغا، جەنۇبىي ئورمان ئوتلاق بەلبېغىغا كىرىدۇ. ئورمانلىقلار پۈتۈن يېرىنىڭ %50 نى تەشكىل قىلىدۇ، سازلىقلار 18% نى تەشكىل قىلىدۇ. قىراۋسىز مەزگىلى جەنۇبتا 120 كۈن، شىمالدا ئاران 90 كۈنگە يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، بۇ جايلاردا قەدىمدە فىنلاندىيىنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان، 12 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە نوۋوگورد كىنەزلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 17 - ئەسىرنىڭ بېشىدا شۋېتسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1809 - يىلى چارروسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن چارروسىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. 1923 - يىلى 7 - ئايدا رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئورمان كېسىش سانائىتى بىلەن ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاسس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، كان سانائىتى (چىرىمتال، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىقلار) ۋە بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، تېرىلغۇ يەرلىرى پۈتۈن جۇمھۇرىيەت يېرىنىڭ ئاران %1 نى تەشكىل قىلىدۇ، مۇھىم شەھەرلىرى كاندو پوگا، بېلورسكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.