UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئوستراۋا

ئوستراۋا

دۇنيادىكى شەھەرلەر چېخ ۋە سلوۋاكىيىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت مەركىزى، شىمالىي موراۋىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئوپاۋا دەرياسى بىلەن ئوستراۋىسيى دەريالىرىنىڭ ئودېرا دەرياسىغا قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 317 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئوستراۋا چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆمۈر، پولات - تۆمۈر سانائەت مەركىزى. ئوستراۋا ئۆزىنىڭ سانائەت رايونلىرىنى مۇھىم يېقىلغۇ ئېنېرگىيىسى، سانائەت خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا ئوستراۋا چېخ ۋەسلوۋاكىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پولات - تۆمۈر سانائەت مەركىزى بولۇپ شەكىللەنگەن. كۆمۈر، پولات، تۆمۈر سانائىتىدىن باشقا يەنە خىمىيە، كوكۇس، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ماشىنىسازلىق ۋە كان سانائەت قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر