ئاتلانتا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاق ش نىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر، ئاتلانتا شەھىرى گېئورگىيە شتاتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. بۇ ئورۇن شىمال، جەنۇب، شەرق، غەرب يۆنىلىنىشىدىكى تۆمۈر يوللارنىڭ ئۇچرىشىدىغان مۇھىم تۈگۈنى. شۇڭا <جەنۇبتىكى چوڭ دەرۋازا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاتلانتا گېئورگىيە شتاتىنىڭ مۇھىم سودا - سانائەت، پۇل - مۇئامىلە مەركىزى. بۇ جايدا ئايروپىلان، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سۈنئىي تالا، ماشىنسازلىق، پولات - تۆمۈر، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان.