بۇداپېشت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋېنگېرىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى مۇھىم دەريا پورتى. يەر مەيدانى 529 كۋادرات 5 كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليون 72 مىڭدىن ئاشدۇ (1985) . بۇ جايغا مىلادى 9 - ئەسىرلەردە مازار خەلقلىرى كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا بۇدا ۋە پېشىتتىن ئىبارەت ئىككى ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئورۇنلار كېيىنچە كېڭىيىپ دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدا بۇدا، سول قىرغىقىدا پېشت شەھەرلىرى بارلىققا كەلگەن. 1872 - يىلى دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى سودا رايونى پېشت، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مارگىت ئارىلى، كونا يېزا ئىگىلىك بازىرى چىبودادىن ئىبارەت تۆت جاي بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى بۇداپېشت شەھىرىنىڭ ئاساسى سېلىنغان. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى شەھەر رايونى سەككىز چوڭ كۆۋرۈك ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدىن كەلگەن توققۇز تارماق تۆمۈريول بىلەن سەككىز تارماق تاشيول مۇشۇ شەھەردە مەركەزلىشىدۇ. بۇداپېشت ۋېنگرىيىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان سودا - سانائەت مەركىزى. بۇ جايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشلەپىچقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 50نى ئىگىلەيدۇ، شەھەردە ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بۇداپېشت ۋېنگرىيىنىڭ ئاتالىق مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى رەتلىك ھەم كۆركەم بولۇپ، ياۋروپا بويىچە مەنزىرىسى گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەردە قەدىمىي خان سارايلىرى، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، 13 -، 14 - ئەسىرلەردە سېلىنغان كونىشەھەر، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، 1840 - يىلى قۇرۇلغان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكاېمىيىسى، كۇتۇپخانىلار، 1837 - يىلى سېلىنغان پارلامېنت بىناسى قاتارلىق ھەشىمەتلىك، كۆركەم قۇرۇلۇشلار، ئاتاقلىق ساياھەت قىلىش، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. بۇداپېشت دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى مۇھىم پورت. ۋېنگرىيىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىدىغان بىر قىسىم ماللىرى بۇداپېشت پورتى ئارقىلىق دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يوگوسلاۋىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا توشۇلىدۇ. بۇداپېشت پورتى ئارقىلىق دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يوگوسلاۋىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، سوېت ئىتتىپاقىغا توشۇلىدۇ. بۇداپېشت شەھىرىدىن دوناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ يۈرسە ئاۋسترىيە، چېخۋەسلوۋاكىيە، گېرمانىيىلەرگە، ھەتتا دوناي - رېين قانىلى ئارقىلىق گوللاندىيە ۋە باشقا شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بارغىلى بولىدۇ. ئۇ دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان مۇھىم خەلقئارا سۇ قاتناش تۈگۈنى. بۇداپېشت شەھىرىنىڭ يەر ئاستى قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1896 - يىلى سېلىنغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13.8 كىلومېتر كېلىدۇ. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى 1970 - يىلى بۇداپېشت شەھىرىدە ئىككى قەۋەت يەر ئاستى تۆمۈر يولىنى سالدى. بۇ تۆمۈر يول دەريا ئاستىدىن شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.