UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرچۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى. مەيدانى 18 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 312 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئاھالىنىڭ كۆپىنى چۇۋاشلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە رۇس، تاتار، مولداۋىيە قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. چۇۋاش 1920 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان. 1925 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىلگەن، مەركىزى چېبوكسارى شەھىرى. چۇۋاشنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى ئانچە تەكشى بولمىغان تۈزلەڭلىكلەردىن ئىبارەت، شەرقىي قىسمىدىكى ۋولگا دەريا بويىدا ئېدىرلىقلار بار. ئۇ يەردە يەنە يەنە تورف، مايلىق سىلانېس، فوسفورلۇق مىنېرال قاتارلىقلار بار. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 450 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. سانائەت جەھەتتە ماشىنىسازلىق سانائىتىنى (تراكتور، ئېلېكتر ماشىنىلىرى)، خىمىيە ۋە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. موسكۋادىن ئورالغا سوزۇلغان تۆمۈر يول بۇ شەھەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاشيول ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. چېبوكسارى ۋولگا دەريا بويىدىكى مۇھىم پورت بولۇپ، دەريا پاراخوتلىرى ئارقىلىق موسكۋا ھەم كاسپىي دېڭىزلىرىغا چىققىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki