UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرنورفوك ئارىلى

نورفوك ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي كەڭلىك′20 °29 بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق′ 16757 نىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. ئاۋسترالىيىنىڭ چوڭ شەھىرى سېدىنىدىن 1700 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. تەبىئىتى جەھەتتىن مېلازېنىيە تاقىم ئاراللىرى تەركىبىگە كىرىدۇ، سىياسىي جەھەتتىن ئاۋسترالىيىنىڭ بىر سىرتقى ئۆلكىسى ھېسابلىنىدۇ، مەيدانى 40 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 1500 دىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى پىتكائىن تاقىم ئاراللىرىدىن كەلگەن خەلقلەر بىلەن ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ھەم ئەنگلىيىدىن ئۆز ۋاقتىدا سىياسىي جىنايەتچى قاتارىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى خرىستىئان ھەم كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىلەن پىتكائىن تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئەنگلىيىلىك كوك 1774 - يىلى بۇ ئاراللارنى تاپقان ھەم نوراوك ئارىلى دەپ نام بەرگەن. 1788 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1913 - يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. نورفوك ئارىلى يانار تاغ ئارىلى بولۇپ، ئەتراپىنى مارجان رىفلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15، يىللىق ھۆل - يغىن مىقدارى 1300 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ئارالدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ئاساسلىق كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرىدۇ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئارالدا نورفوك قارىغىيى ۋە باشقا ئورمانلار ئۆسىدۇ. مەركىزى كىنگستون بولۇپ، ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى سېدىنى قولتۇق بويىغا جايلاشقان. بۇ مۇھىم ئەركىن پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا ئايرودرومى، مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرى بار. نورفوك ئارىلى سىرتقى سودىسىدا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر