كوپېنھاگېن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ دانىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈەۈنى، دانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى. پورتتا يىلىغا توختاپ ئۆتىدىغان پاراخوتلار 35 مىڭدىن ئاشىدۇ، دانىيىنىڭ سىرتقى دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان سودىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كوپېنھاگېن شەھىرى دانىيىنىڭ زېلاند ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېرى بوغۇزى ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ مالمې شەھىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. كوپېنھاگېن شەھىرىنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقتىن، 11 - ئەسىردىكى كىچىك بىر بېلىقچى يېزىسى 15 - ئەسىرگىچە تېز تەرەققىي قىلىپ، دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر ئۇنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 372 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى پۈتۈن دانىيە ئاھالىسىنىڭ 1/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كوپېنھاگېن شەھىرىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق خىمىيە، ئېلېكتر، ئېلېكترون سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى قاتارلىق سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، بۇ جايدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دانىيىدىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 1/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كوپېنھاگېن دانىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بۇ جايدا ئاتاقلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، 1478 - يىلى قۇرۇلغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق تىياتىرخانىلار، مۇزېيلار، شىمالىي ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋانات باغچىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى مۇزېي، مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت قىلىش، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. شۇڭا شەھەرنىڭ ساياھەتچىىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر 10 مىليوندىن ئاشىدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى مۇھىم مالىيە كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.